باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەندە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۇنىۋېرسال ئامبۇلاتورىيە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى

2018.08.21 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، يېڭىدىن تەربىيەلەپ كۆپەيتىلگەن ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ 5000دىن كەم بولماسلىقىنى، يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە توغرا كېلىدىغان لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار سانىنى تىرىشىپ ئىككى ياكى ئۈچكە يەتكۈزۈشنى، 2030-يىلىغا بارغاندا يەنە ئاز بولغاندا 15 مىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇر يېتىشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە توغرا كېلىدىغان لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى بەشكە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر قايسى تېببىي ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنىۋېرسال كەسىپ بويىچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، فاكۇلتېت ياكى تېببىي ئىنىستىتۇت قۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم مائارىپى ۋە كىلىنىكىلىق پىراكتىكىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارغا تېببىي خادىملارنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئۇنىۋېرسال ئامبالاتورىيە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئامبۇلاتورىيە ئېچىشىنى قوللاش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى زىچ تىپلىق داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىچكى قىسمىنىڭ باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى چىگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلارغا تىرىشىپ مايىللاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر