باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.08.21 17:11   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىشىپ تۇرىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككىلىسى ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن. رەئىس شى جىنپىڭ 2013-يىلى مالايسىيادا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو مالايسىياغا بولغان دوستلۇق سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مالايسىيا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىناق قوشنىدارچىلىق چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-مالايسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…