سۈرەتتە: 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بېجىرىش ئورنىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20-ئاۋغۇست سەھەردە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، تالاپەت كۆرۈلمىدى.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى تۈركىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 20-ئاۋغۇست سائەت بەش ئەتراپىدا، بىر ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىل ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدىن ئۆتكەن چاغدا، قوراللىق كىشى ماشىنا ئىچىدىن ئوق چىقارغان، ئەلچىخانا ئامانلىق ساقلاش قاراۋۇلخانىسىنىڭ دېرىزىلىرى چىقىلىپ كەتكەن، تالاپەت يۈز بەرمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى تۆت-بەش قېتىم ئوق ئاۋازى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنقەرە ساقچىلىرى قېچىپ كەتكەن ئاپتوموبىل ۋە ئوق چىقارغۇچىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتىنى قانات يايدۇردى. مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە، قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىقلانمىدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۈركىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى، بىر قىسىم تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى