باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا قارىتا توغرا قاراشقا ئۈندەيدۇ، دېدى

2018.08.23 17:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 -ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 22-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قارىتا توغرا قاراشقا، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى سالۋادورنىڭ تەيۋەن بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى»گە قارىتا قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ سالۋادور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، جۇڭگونى ئۆزىنى تىزگىنلەپ، تەيۋەن خەلقىگە قارىتا تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ سالۋادوردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالۋادورنىڭ تەيۋەن بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سالۋادور ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق جەمئىيىتى» مۇنداق دېدى: «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىشى»دەك ھەرىكىتى رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئامېرىكىنىڭ سالۋادورغا قىلىدىغان ياردىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سالۋادور ھەممىسى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىنى ئۆزى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. جۇڭگو-سالۋادور ئىككى دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، بۇ تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتكە ماسلىشىدۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات مۇناسىۋىتىگە ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: سالۋادور بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا 177 دۆلەت ئىلگىرى چىقارغان توغرا قارارنى چىقاردى، باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قول شىلتىيدىغان، ھەتتاكى يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىدىغان ئاساسى يوق. ھەمكارلىشىش جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئامېرىكا ئۆزى بۇنىڭدىن 39 يىل ئىلگىرىلا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھازىر ئامېرىكا بىر تەرەپتىن باشقا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن نورمال دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ھەتتا تەھدىت سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكىغا چىقىشى ۋە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، جۇڭگو خەلقى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋات ئورنىتىشىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھەرقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، شۇ سەۋەبلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر