باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.08.23 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22- ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم يارىتىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشتىكى دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىش قارار قىلىندى؛ تەبىئىي گازنىڭ ماس قەدەمدە مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەر ۋە بىيولوگىيەلىك يېقىلغۇ ئالكوھول كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشنى ھەل قىلىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم بولۇپ، كارخانىلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، ساغلام پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» سىياسىتى قوللانماي، سىياسەتنى توغرا يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتنىڭ ئۆتۈشمە مېخانىزمىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىدىغان قەرز مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل مۇددىتى، قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، قەرز پۇل تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك قەرز نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پايدىسى يۇقىرى زايوم، خۇسۇسىي زايومىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش بىلەن كىچىك مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىشىنى چېتىشتەك ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىق سىياسىتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قەرز پۇل ۋە ئامانەت پۇل نىسبىتى كۆرسەتكۈچى نىسبىتىگە يول قويۇش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇل مۈلكىنى قوللاش ئاكسىيەسىنى تارقىتىشنى قوللاش لازىم. ئۈچىنچى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى باھالاشنى ياخشىلاپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرزى مەخسۇس باھالاش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش لازىم، ئامانەت بىلەن قەرزنى چېتىش، ئېلىم-بېرىمدە تېڭىپ سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى مەنئى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە كرېدىت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر