باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ قالىدۇ، دېدى

2018.08.27 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خەكى . ماس 7-چېسلا، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ قالىدۇ، دېدى.

  زىيارەت داۋامىدا، ماس ئامېرىكىنىڭ ئىراننى قايتا جازالىشىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە: ئىراندىكى يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ھەمدە كۆزلەنگەن نىشان ئەمەلگە ئاشقان.

  ماس يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ: گېرمانىيە ۋە ياۋروپا كارخانىلىرى ئىراننىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدىشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى ئىمكانقەدەر كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم، دېدى.

  6- چېسلا، ماس بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى قايتا جازالىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراندىكى يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم يەنىلا كۈچكە ئىگە دەپ قارىسا ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلسا، ئۇنداقتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ دۆلەت، ياۋروپا كارخانىلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ 7- چېسلا ئىرانغا قاراتقان جازالىشى ئەسلىدە پۇل مۇئامىلە، مېتال، كان مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل قاتارلىق بىر يورۇش ئېنېرگىيە كەسىپلىرىگە چېتىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى جازالىشى11- ئاينىڭ بېشىدا قايتا باشلانغان.

  ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكىتى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل، دورا، سانائەت ۋە پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرى شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتقان.

  مەلۇم بولۇشچە، گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى داملېر شىركىتى 7- نويابىردىن باشلاپ ئىرانغا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر