- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسى مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا 3 مىليارد 170 مىليون يۈەن ئاجراتتى
2018.08.24 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2018-يىللىق مېيىپلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 1 مىليارد 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جايلارنىڭ مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن 2 مىليارد 140 مىليون يۈەننى قوشقاندا، مەركەز مالىيەسى 2018-يىلى مېيىپلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاجراتقان تولۇقلىما مەبلىغى 3 مىليارد 170 مىليون يۈەن تولۇق چۈشۈرۈلۈپ بولدى. بۇنى جايلار بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھاۋالە بىلەن بېقىش، نامراتلىقنى يۆلەش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت، ئائىلىنى توسالغۇسىز ئۆزگەرتىش، موتورلۇق مېيىپلەر ھارۋىسىنىڭ يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتتىكى چىقىملارغا ئىشلىتىدۇ.
مەركەز مالىيەسىنىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئامىللارغا بۆلۈش ئۇسۇلى بويىچە تارقىتىلىدۇ، مېيىپلەر سانى كۆپ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر ئۆلكىلەرگە كۆپرەك ئاجرىتىلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرىنىڭ مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەركەز مالىيە مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئورۇنلاشتۇرغان مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات ياردەم مەبلىغىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر