باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەم جاينى تولۇقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، كۈچنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يەنىمۇ يېڭى پەللىگە ئۆرلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2018.08.24 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەننىڭ غەربىي رايوننى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، غەربىي رايوننى ئېچىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى غەربىي رايوننى ئېچىش تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. غەربىي رايون __ ئېلىمىز تەرەققىياتىدا زور ئىستراتېگىيەلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە رايون، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتا. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ئالدىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەلىپى بويىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەھكەم تايىنىپ، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: غەربىي رايونلار ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، چوقۇم تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە «يۇمشاق مۇھىت»نى يارىتىشى لازىم. مەۋقەنى «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشى كېرەك. مەۋقەنى ئۆزىگە تايىنىشقا قويۇپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نى تۇتقا قىلىپ، غەربىي قىسىملاردىكى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشى لازىم. مەۋقەنى رايون ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىش ئۈستۈنلىكىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر