باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى

تولۇق كۇرسنىڭ 1- ۋە 2-تۈركۈمى 2019-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، تولۇق كۇرس ئادەتتىكى تۈركۈمى قىلىنىدۇ

2018.08.24 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. 2019- يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى بىلەن تولۇق كۇرۇس 2-تۈركۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، تولۇق كۇرس ئادەتتىكى تۈركۈمى قىلىنىدۇ.

  2020-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن- تەبئىي پەنگە ئايرىمايدۇ.

  تولۇق كۇرس 1- ۋە 2-تۈركۈمى 2019-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، تولۇق كۇرس ئادەتتىكى تۈركۈمى قىلىنىدۇ

  2020-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەنلىرى بىر تۇتاش تەڭشىلىپ، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى قاتارلىق ئۈچ پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئىجتىمائىي- تەبئىي پەنگە ئايرىلمايدۇ، ھەر بىر پەندە تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، ئومۇمىي نومۇر 450 نومۇر بولىدۇ.

  2018-يىلى ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن باشلاپ، ئىنگلىز تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نومۇر قىممىتى 30 نومۇردىن ئۆزگەرمەيدۇ، بىر تۇتاش يازما ئىمتىھان بىلەن ئايرىۋېتىلىپ، كومپىيوتېردا ئىمتىھان بېرىش يولغا قويۇلىدۇ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىلىدۇ، ھەر يىلى 12-ئايدا ۋە كېيىنكى يىلى 3-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەتىجىسى بىلەن يازما ئىمتىھان نەتىجىسى بىرلىكتە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەشكىل قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا ئېغىز تىلى ئىمتىھانى كۆپەيتىلىدۇ، ئېغىز تىلى بىلەن ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنىڭ جەمئىي نومۇرى 50 نومۇر بولۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدىكى نومۇر قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

  نەتىجە تۈزۈلۈشى جەھەتتە، 2020- يىلىدىن باشلاپ، تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئۈچ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان ھەر بىر پەننىڭ تولۇق نومۇرى 100 نومۇر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نومۇرى 750 نومۇر بولىدۇ.

  بېيجىڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

  بېيجىڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىقىدىن باشلاپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى يولغا قويۇلىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

  ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك پىلانىدا بېكىتىلگەن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت تىلى، ئىدىيە- سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، سەنئەت (مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت)، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ھەممىباب تېخنىكا قاتارلىق 13 پەن ئىمتىھان تۈرى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر