باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى تارقاتتى

2018.08.27 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى 10-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدا ئىنتىزام قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، نىزامنى تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرىيلىكلىكى، قاراتمىلىقىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈردى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە- نىزاملارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى ۋە كونكرېتلاشتۇردى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پىكىر-تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈكلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر