باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش بويىچە 31- نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچتى

سۇڭ جيەنچاۋ سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى

2018.08.24 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8- ئاينىڭ 22- كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش بويىچە 31- نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئاچتى. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ جيەنچاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  سۇڭ جيەنچاۋ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، نۇقتىلىق مەزمۇنى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى يېقىنقى يىللاردىكى دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مەزمۇنى ئەڭ كۆپ، ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش «1 + 5 + يەرلىك ئالاھىدىلىك + سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش» ئەندىزىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىنىدۇ، تەكشۈرۈلىدۇ، ھەم دىققەت «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت مەسىلىلەرگە دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تىپلار پائال بايقىلىپ، يارقىن نۇقتىلار رەتلىنىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. 11 كۈن ئىچىدە، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىش، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلەش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ مەزگىلدە يەنە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، كىچىك دائىرىدە سۆھبەتلىشىش، بىرگە بىر سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىچىلار، يېڭىلىق ياراتقانلار، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما قاتارلىقلار بىلەن كەڭ ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلايدۇ.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىدىغانلىقى، تەكشۈرىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن 2014- يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاسىدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور پۇرسەت بىلىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ- پىكىرلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا پائال ماسلىشىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە تەلەپكە، ئۆلچەمگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ تېپىپ چىقىپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈزەش مۆھلىتى، تۈزەش مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ھەرقانداق ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەرقانداق ئىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر