باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا ئېغىر ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، نەچچە كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى

2018.08.27 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جەكسونۋىل شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېغىر ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەردى. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئوققا تۇتۇش دېلوسىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلغان.

  ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە 11 ئادەم قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، تۆت ئادەم قازا قىلغان.

  جەكسونۋىل شەھىرىدىكى ساقچى تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا مۇنداق دېدى: بىر جىنايەت گۇماندارى نەق مەيداندا ئۆلدى، ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى ئىزدىمەكتە، يەنە بىر قوراللىق كىشى بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە نۇرغۇن ئاشخانا، قاۋاقخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، ئوققا تۇتۇش دېلوسى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر