باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2018.08.27 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەننىڭ 2018- يىللىق كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنىڭ 31- نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە نەق مەيداندا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنىڭ 31- نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلارغا، يەنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل ئاشۇرۇشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئالتە مەخسۇس گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. 8- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ گۇرۇپپىلار ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆردى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرىنىڭ دامىياۋ كەنتىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  8- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئائىلە زىيارىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپ، ئەھۋال ئىگىلىدى ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنىڭ 31- نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ جيەنچاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پائال ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر