خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «قىزىل بۈركۈت» ناملىق ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى مەشىق قىلىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاسماندا ئۇچۇش ئارزۇسىنى قوغلىشىش» تېمىسىدىكى ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشتاب باشلىقى چياۋ زېڭچياڭ 28-ئاۋغۇست چاڭچۈندە ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىللىق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش پائالىيىتىدە، 8- ئاينىڭ 30-كۈنى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تەشكىللىنىپ، 1400دىن ئارتۇق يېڭى ئۇچقۇچى كۇرسانتنىڭ كۆك ئاسمان سېپىگە قاتنىشىشى كۈتۈۋېلىنىدۇ؛ 9- ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 2-كۈنى ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى تەشكىللىنىدۇ، ئاساسلىقى ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش، پاراشوت بىلەن سەكرەش ئويۇنى، ئايروپىلان مودېلى ئويۇنى، ئەمەلىي جەڭ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، جابدۇق كۆرگەزمىسى، تەقلىدىي ئايروپىلاننى سىناش، ھەربىي لاگېرلارنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى