باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكەت ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس بولۇش ۋە كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پەسەيتىش كېرەك

2018.08.28 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق مەملىكەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى جۇڭگوچە چارە بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۇق، سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى. كەڭ داۋالاش ئىسلاھاتى خادىملىرى ۋە داۋالاش خادىملىرى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى قەدىرلەش ۋە تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن ھۆرمەت بىلەن ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەزدۇر، دەيدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكەت ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىقنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش ۋە كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىگە ئەھمىيەت بېرىپ بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش،ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر