خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ خەلقئارا مېھمانخانىسىنىڭ جيەنگو خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە جايلاشقان 2018- يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىنى 8- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش باشلاندى، 8- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان مۇخبىرلارنىڭ سانى 2600دىن ئاشقان. ئاخبارات مەركىزى شۇ چاغدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تىللىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى