سۈرەتتە: تۇمشۇق بازىرى پاۋاللا كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى خۇشالخان توختى ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى نامايان قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇربىيە توختى خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 26-كۈنى چۇشتىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازارلىق ئاياللا بىرلەشمىسى تۇمشۇق بازىرى پاۋاللا كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىغا ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىلھام بېرىش، بىر نىيەتتە «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە، «ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى» پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەتتە پاۋاللا كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە قول ئىشلەك بۇيۇملىرىنى نەق مەيدانغا ئېلىپ كېلىپ، قۇلى چىۋەر ئاياللارنىڭ تۆھپە قوشۇش روھىنى جانلىق نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى