باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760- تەتقىقات ئورنىدىكى خۇاڭ چۈن قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتىلدى:

غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك

2018.08.27 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، بۇ يىلقى 18- نومۇرلۇق « رۇمبىيا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760- تەتقىقات ئورنىغا توختىتىپ قويۇلغان دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق سىناق سۇپىسى زور دەرىجىدە خەۋپكە ئۇچرىغان. 760- تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى يولداش خۇاڭ چۈن ئاشۇ خەتەرلىك جىددىي پەيتتە،11كىشىنى باشلاپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، سىناق سۇپىسىنى پۇختىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان. مەشغۇلات جەريانىدا، يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي ۋە جياڭ كەيبىن كۈچلۈك دولقۇن زەربىسىدە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خۇاڭ چۈن قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن تەيفېڭ بورىنى ۋە كۈچلۈك دولقۇن ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلارچە قورقماي، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سىناق سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ‹‹پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن›› دېگەن ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئۇلار كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، دەۋرنىڭ ئۈلگىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتىلدى: بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىننى ئۈلگە قىلىپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى بېغىشلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر