باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ يېڭى دەرسلەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىدۇ

2018.08.27 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەر تۈركۈمگە بۆلۈپ يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىكلەرنى يولغا قويىدىكەن؛ يەنە 2022- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىكلەر پىلانى يولغا قويۇلىدكەن. ھەر قايسى جايلار يېڭى دەرسلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن تۈرلۈك دەرسلەرنىڭ تولۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى دەرسى، تېخنىكا (ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ھەممىباب تېخنىكا)، سەنئەت (ياكى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت)، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق قاتارلىقلارغا ئائىت دەرسلەر ئېچىلىدىكەن، ھەمدە ئۇ دەرسلەرگە بەلگىلەنگەن دەرس سائەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان ئۆلكىلەر، 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ تولۇق بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ يېڭى دەرسلەر پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن؛ 2018- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئۆلكىلەر، 2019- يىللىق ياكى 2020- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىقىدىن باشلاپ يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىكلەر پىلانىنى يولغا قويۇشقا بولىدىكەن؛ 2019- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئۆلكىلەر بولسا، 2019- يىللىق ياكى 2021- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىقىدىن ياشلاپ يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىكلەر پىلانىنى يولغا قويۇشقا بولىدىكەن؛ 2020- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئۆلكىلەر بولسا، 2020- يىللىق ياكى 2022- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىقىدىن ياشلاپ يېڭى دەرسلەر ۋە يېڭى دەرسلىكلەر پىلانىنى يولغا قويۇشقا بولىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزىتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرسلىرى لايىھەسى ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرنىڭ دەرس ئۆلچىمى (2017- يىلى نەشرى)»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە دەرسلىكلەرنى تۈزۈش ۋە ئىلگىرىكى دەرسلىكلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى پەنلەر دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئىلگىرىكى دەرسلىكلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى قانات يايدۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر