باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى

2018.08.23 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەقىللىق بالىلار كۆزىتىشكە ماھىر، قىزىقىشى مول، مەقسىتى ئېنىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەقىللىق بالىلار ھەمىشە مەلۇم بىر تەرەپتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بالىلارنىڭ تالانتلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى سىنىماق تولىمۇ قىيىن. يېقىندا ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەردىن جەۋھەرلەر» ژۇرنىلى ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسىنى رەتلەپ چىققان. تۆۋەندە بىز ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئۇ ئون خىل ئىپادىلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

  بىرىنچى، ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەقىللىق بالىلار يېتىلىش باسقۇچىنى بالدۇر تاماملىغان بولىدۇ.

  ئامېرىكا بالىلار تەتقىقات مۇتەخەسسىسى يې بۇ خورىل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر قەدەر ئەقىللىق بالىلارنىڭ يېتىلىش مەزگىلى مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشى نورمال بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر تېز بولىدىكەن، بولۇپمۇ تىل قابىلىيىتى جەھەتتە ئۇلارنى ئوخشاش ياشتىكى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار روشەن ھالدا ئوخشاش ياشتىكىلەرنى بېسىپ چۈشىدىكەن. گەرچە ئەقىللىق بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارى مول بولۇپ، بەزى مۇرەككەپ جۈملىلەرنى راۋان قۇراشتۇرالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولىدىكەن.

  ئىككىنچى، ئەقىللىق بالىلار كۆزىتىشكە ھەمدە ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاشقا ماھىر بولىدۇ.

  ئەقىللىق بالىلار ئويۇن ياكى مەلۇم بىر پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ شەكىل ۋە ھالىتىگىچە دىققەت قىلىپ قالماستىن، ئۇلارنى يەنە ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تەكرار پەيدا بولغان ھەرىكەت ۋە ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاشقا بىر قەدەر ماھىر بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەقىللىق بالىلار دۇنياغا ۋە ئەتراپتىكى شەئىيلەرگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزىقىشقا ئىگە بولغان بولىدۇ.

  ئەقىللىق بالىلار ھەمىشە تولۇپ تاشقان قىزىقىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ئەقىللىق بالىلارنى ئىزدىنىشكە يېتەكلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سورىغان ھەربىر سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشى، ئىمكانىيەت يار بەرسىلا ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئىزدىشىگە ياردەم بېرىشى ھەم ئۇلارنى مۇۋاپىق ھالەتتە ئىلھاملاندۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئەقىللىق بالىلار قىزىق تېمىدىكى نەرسىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئېنىق ۋە تەپسىلىي بىلىمگە ئىگە بولالايدىغان بولىدۇ.

  ئەقىللىق بالىلار دائىم مەلۇم بىر ئالاھىدە ساھە ياكى قىزىق تېمىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ مىقداردىكى بىلىملەرنى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكا «پەن-تېخنىكا كۈندىلىك گېزىتى»دە دېيىلگەن زېرەك ئۆسمۈرلەر 11 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردا، قۇرامىغا يەتكەن ئىختىساسلىقلار مەلۇم ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى، ھەتتاكى ئاساسىي نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگىلىيەلىگىدەك ئىقتىدار بولىدۇ.

  بەشىنچى، ئەقىللىق بالىلار ھەمىشە قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەمدە ياش قۇرامى ئۆزىدىن بىر قەدەر چوڭ كىشىلەر بىلەن ھەمراھ بولۇشنى ۋە دوستلىشىنى خالايدۇ.

  ئادەتتە ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ چىقىشىپ ئۆتۈشىنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلەرنىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق بالىلار دەرسخانىدا دەرسنىڭ مەزمۇنىنى زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ، چۈنكى، ئۇلارغا نىسبەتەن، دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر ئاددىي تۇيۇلىدۇ. ئەقىللىق بالىلار يەنە ھەمىشە قۇرامىغا يەتكەن توپىدىكىلەر بىلەن ھەمدە ياش ئۆلچىمى ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  ئالتىنچى، ئەقىللىق بالىلار زېھنىنى يىغالايدۇ، نىشانى ئېنىق بولىدۇ.

  مەلۇم بىر ۋەزىپىنى تاماملاش ۋە ياكى مەلۇم بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ئەقىللىق بالىلار غەيرەتلىك بولىدۇ، ئىگىلىيەلمىگەندە ياكى قىلالمىغاندا ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ، مەلۇم ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ ۋەزىپىگە دەخلى قىلماي تاماملاشنى ئويلايدۇ.

  يەتتىنچى، ئەقىللىق بالىلارنىڭ رەھبەرلىك ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.

  مەيلى ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ھالەتتىن باشلاپ پىشىپ يېتىلىشتە بولسۇن ۋە ياكى تۇغما ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسۇن، ئەقىللىق بالىلارنى ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ مەلۇم ساھەنىڭ يولباشچىسى بولالايدۇ.

  سەككىزىنچى، ئەقىللىق بالىلار كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  كۆپىنچە ئەقىللىق بالىلار ھەمىشە كىتاب ئوقۇشنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۇلارنى كىتاب خالتىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. ھالبۇكى، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار بىر قەدەر بالدۇر كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ، شۇڭا ئەقىللىق بالىلار كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىش جەريانىدا مول بىلىملەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدۇ.

  توققۇزىنچى، ئەقىللىق بالىلار يېڭىلىق يارىتىشچان بولىدۇ.ئەقىللىق بالىلار باشقىلارنىڭ مۇرەككەپ ئەسەرلىرىنى ۋە ئىدىيەلىرىنى چۈشىنىپلا قالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل پىكىرلىرىنى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئۇلار ھەمىشە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇللىرىنى، ھەمدە دۇنياغا ۋە ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن يېڭىچە بىر كۆز قاراشتا بولۇشنى ئىزدەيدۇ.

  ئونىنچى، ھەممە ئىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن.

  پۈتۈنلەي نۇقسانسىز ئادەم يوق، شۇڭا، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق بالىلار دېگەنلىك، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلار چوقۇم ھەرقايسى ساھەلەردە ئۈزۈپ چىقالايدۇ، دېگەنلىكمۇ ئەمەس. مىسال ئېلىپ ئېيتساق، بىر بالىنىڭ ماتېماتىكىدا تۇغما تالانتى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇ مۇزىكىنى زېرىكىشلىك ھېس قىلىشى ھەتتا مۇزىكىنى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك نورمال ھالەتتىكى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر