باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن 31 ھەيدەكچىلىك قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جايلارغا بېرىپ تەكشۈرىدۇ

2018.08.23 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جايلار، تارماقلار ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، گوۋۇيۈەن 31 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، بەش جەھەتتىكى ئەھۋاللار نۇقتىلىق، نىشانلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ: بىرىنچىدىن، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ ئىككىنچى، داۋاملىق ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالنى پائال كېڭەيتىش، تاشقى سودا ئېكسپورتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى؛ ئۈچىنچىدىن، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى، مۇھىم نۇقتىسى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، سودا مۇھىتى مۇھىم كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسلىقى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، «ئىگىلىك تىكلەش ، يېڭىلىق يارىتىش» دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالى؛ بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تۈزەش خىزمەت ئەھۋالى.

  تولۇق مەزمۇنىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر