باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئون خىل چارە ئارقىلىق بېسىمنى پەسەيتىپ، بەدەندىكى مەنپىي ئېنېرگىيەنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى

بېيجىڭ خۇيلۇڭگۇەن دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۇڭ چۇڭشېڭ

2018.08.27 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بۇ بەدەننىڭ تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا بولغان بىۋاسىتە ئىنكاسى. ئاۋىستىرالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بېسىم ئادەتتە راكنىڭ بەدەنگە تارقاپ كېتىش سۈرئىتىنى ئالتە ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن، بۇ خۇددى راك كېسىلىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئېچىپ بەرگەنگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر. شۇڭا، كىشىلەر چوقۇم توغرا بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىمنى پەسەيتىشنى ئۇگنىۋىلىشى زۆرۇر. تۆۋەندە بىز 10 خىل چارە ئارقىلىق بېسىمنى پەسەيتىپ، بەدەندىكى مەنپىي ئېنېرگىيەنى يوقىتىشنىڭ ئۇسللىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

  1. 10 مىنۇت خىيال سۈرۈۋېلىش

   بىر دەم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇشتىكى ھەر تۈرلۈك بېسىملارنى تۈگىتىشكە بولىدۇ. مەيلى باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا بولسۇن ياكى ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى ئورۇندا بولسۇن، ھەتتا قەھۋەخانا دېگەندەك ھەر جايدا ۋە ھەر ۋاقىت بىراز خىيال سۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل چارە ئارقىلىقمۇ بېسىمىڭىزنى يەڭگىللىتەلەيسىز.

  2. بىر دەم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىش

  بېسىم چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، دىمىقىڭىز بىلەن 2-3 مىنۇت چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ئاندىن ئىككى كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ، بىر نەچچە مىنۇت جىم تۇرۇۋېلىڭ. نەپەسلىنىش جەريانىدا بارماق بىلەن بۇرۇننىڭ بىر تۆشۈكىنى بېسىپ ئېتىۋېلىپ، مۇشۇ ئۇسۇلنى ئوڭ ۋە سول بۇرۇن تۆشۈكىگە تەكرار ئالماشتۇرۇپ قىلىپ بېرىپ نەپەسلەنسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل چارە ئارقىلىقمۇ كۆسى-قارنىڭىزنى راھەتلىتىپ، بېسىمىڭىزنى يەڭگىللىتەلەيسىز.

  3. قورساقچە نەپەسلىنىش

  ئىككى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، بىر قولىڭىزنى قورسىقىڭىزغا، يەنە بىر قولىڭىزنى مەيدىڭىزگە قويۇپ تۇرۇپ ھاۋا سۈمۈرۈشكە باشلىغاندا، پۈتۈن بەدەن كۈچەيدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئۆپكە ۋە قورساق قىسمى ھاۋا بىلەن تولىدۇ، ئاندىن 6~8 سىكۇنت ۋاقىت چىقىرىپ، ئوتتۇرىدا توختاپ قالماي، ئاستا-ئاستا نەپەس چىقارسىڭىز، بۇنىڭ بېسىمىڭىزنى يەڭگىلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ.

  4. ئۈستىقۇددۇسنى پۇراش

  ئۈستىقۇددۇس ۋە ئۇنىڭ مېيى تەشۋىشلىك ۋە خامۇشلۇقنى ئازايتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا بىر بوتۇلكا ئۈستىقۇددۇس مېيى تەييارلاپ، بۇرنىڭىزغا پۇرىتىپ ياكى قولىڭىزنىڭ بېغىشىغا سۈركەپ ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، بېسىمىڭىزنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  5. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش

  ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش كىشىلەرنىڭ رېئال دۇنيا بېسىمىدىن ۋاقىتلىق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، بېسىمنى %68 يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن. بېسىم چوڭ بولۇپ كەتكەندە، ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى ۋاراقلاپ، ئۇنىڭدىن بىر نەچچە بەت ياكى بىر بابنى ئوقۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىنىڭمۇ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار

  6. قارا شاكىلات يەڭ

  قارا شاكىلات ئادەم بەدىنىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بېسىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بېسىمغا بولغان ئىنكاسىنى يېنىكلىتىدۇ. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قارا شاكىلات يېگەندىن كېيىن سېزىمچان گورمون كورتىزول ۋە ئادرېنالىننىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، بېسىم كۈچىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېنىكلەيدىكەن.

  7. گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش

  ئامېرىكا روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولۇپ كەتكەندە، خۇشال ئەسلىمىلەر كورتىزول سەۋىيەسىنى %85 تۆۋەنلىتىدىكەن. مەسىلەن، يانفوندىكى سۈرەتلەر ياكى سىنلارنى كۆرۈش، بۇرۇنقى خۇشاللىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش قاتارلىقلار. بۇ ئۇسۇللارنىڭ بسىمنى تۆۋەنلىتىشتىكى رولى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

  8. پەلەمپەيدىن چىقىش

  ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەر تەنتەربىيە چېنىقىشى بېسىمنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق، دەپ قاراپ كەلدى. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پەلەمپەيدىن چىقىش تېز سۈرئەتتە بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. مەسىلەن، كەيپىيات ياخشى بولمىغان چاغدا، پەلەمپەيدىن چىققاندا، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىدىكەن. بۇ چارە ئارقىلىقمۇ بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

  9. يېشىل چىملىقنى تۇتۇش

  بېسىم چوڭ بولۇپ كەتكەندە، تېخىمۇ كۆپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش كېرەك. ئەگەر كەڭ دالا تەبىئەتكە بېرىشقا شارائىت يار بەرمىسە، بىر پارچە يېشىل چىملىقنى تېپىپ، پۇت ئالقىنىنىڭ شۇ يېشىل ئوت-چۆپلەرگە تەگكەندىكى تۇيغۇنى ھېس قىلىپ كۆرۈشنىڭمۇ بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.

  10. كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش

  كۈلۈمسىرەشنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۇ فىزىئولوگىيەلىك جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، چوڭ مېڭىدىكى سېزىمچان ھورموننى ئازايتىپ، ھورموننىڭ ئىچكى پېپىتىد ۋە دوپامىننى كۆپەيتىدۇ. بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتكەندە، كىشىلەر ھەمىشە قاپىقى تۈرۈك ھالەتتە بولىدۇ. ئەمما ئاشۇنداق پەيتتە ھىچ بولمىغاندا يالغاندىن بولسىمۇ كۈلۈمسىرەپ قويسىمۇ، ئۇ خىل ئۇسۇل بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر