باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك

2018.08.28 15:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى تەپەككۇر يولى، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى. بىز سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ زور ئورتاق تونۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىش، ئادىمىيەت جەھەتتە ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يولغا قويۇشنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەرنى بىر-بىرلەپ قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2013 – يىلى كۈزدە، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت قىزغىن ئاۋاز قوشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشقا قاتنىشىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو لايىھەسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنىڭ دېڭىز بويى، دەريا بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويىغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچى-سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى؛ بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مال سودا سوممىمىز جەمئىي 5 تىرىليون دوللاردىن، چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىمىز 60 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، شۇ جايلارغا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە چەت ئەلگە سېلىنىدىغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىي قىلىش، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ھازىرلاپ، دۇنياۋى نەزەر تىكلەپ، ھەم خەۋپ-خەتەر، ئەندىشە ئېڭى ھەم تارىخىي پۇرسەت ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان بۇ مەيدان زور ئۆزگىرىش داۋامىدا يۆنىلىشنى تىرىشىپ ئىگىلىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسى قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلگەن دۇنيا بۈيۈك بىرلىكى ئىدىيەسىگە، جۇڭگولۇقلارنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىش، دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك جاھان قارىشىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئېگىزلىكىنى ئىگىلىگەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ