خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى شىنخۇا رايونى قۇرۇلۇش چوڭ كوچا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرى بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ «ئوت كەتكەن» مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئىچىدىن جىددىي تارقىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا، خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى شىنخۇا رايونىدىكى بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوت ئۆچۈرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇش قاتارلىق ھالقىلارغا قارىتا تەقلىدىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى