سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان بېيجىڭ شىدەندىكى رەڭگارەڭ گۈلزارلىق.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 9- ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، باشلىقلار يىغىنى مەنزىرىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھازىر پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، تېجەشلىك، سىجىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، كۆپ قىسىم گۈللۈكتىكى گۈللەر تاكى دۆلەت بايرىمىغىچە ئىشلىتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى