باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ پۇتبولىنى كېڭەيتىشتە ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.08.30 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، «مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى ئىسلاھاتى سىناق رايونى ئاساسىي تەلىپى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» يېقىندا تارقىتىلغان بولۇپ، مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مەكتەپ پۇتبولىنى كېڭەيتىشتە ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك پۇتبول مائارىپى ئارقىلىق، ھەۋىسى بار كەڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى پۇتبول بويىچە تەربىيەلەپ، ياخشى بولغان پۇتبول مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىش لازىم. رايون ئىچىدىكى مەملىكەتلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتەپلىرىگە بولغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  ھۆججەتە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەملىكەتلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتەپلىرىنىڭ پۇتبول ئوقۇتۇشىدا «مەملىكەتلىك ياشلار- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى ئوقۇتۇش قوللانمىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىت يارىتىپ، مەكتەپ پۇتبول دەرسلىكلىرىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ، پۇتبول ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ تەنتەربىيە بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، تىرېنېرلار، تەنھەرىكەتچىلەر، سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يەنىمۇ بايقاپ، تەۋسىيە قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئىلمىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھۆججەتتە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رايون ئىچىدىكى ھازىر بار بولغان مەملىكەتلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتەپلىرى ئاساسىدا، مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتىپى بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتىپى قۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىپ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى ئىخچاملاش لازىم. دۇنيادىكى پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەردە بالىلارغا بەش ياش ئەتراپىدا پۇتبول مەرىپەت تەربىيەسىنى باشلاشتەك ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئومۇملاشتۇرۇش مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنگە يۆتكەپ، پۇتبول ھەرىكىتىنى بالىلار باغچىلىرىغا پائال كېڭەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر