باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەڭشىلىپ كونترول قىلىنىدۇ

2018.08.31 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ «بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تور ئويۇنلىرىنىڭ تورغا چىقىرىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق ياشتىكىلەر ئويناش ئەسكەرتمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەدبىر قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىشلىتىش ۋاقىتنى چەكلەش كېرەك.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2023-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتىنى 2018-يىلى ئاساسىدا يىلدا 0.5 پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۆلكىلەردە يىلدا بىر پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 2030-يىلىغا بارغاندا، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يېڭىدىن كۆرۈلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىق ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئالتە ياشقا كىرگەن بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %38تىن چۈشۈرۈش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %60تىن چۈشۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %70تىن چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر