باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 9- ئايدىن باشلاپ 2120 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2018.08.30 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئېلان قىلغان «بېيجىڭ شەھەرلىك 2018- يىلى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا چېتىشلىق ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا مۇنداق دېيىلگەن: 9- ئايدىن باشلاپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى شەخسىيلەر قەرزى، ھەر ئايدا 2120 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ۋە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 1484 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقتەك بۇ ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئايدا تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، 2120 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، 2020 يۈەن چەك قىلىنىدۇ، ئورۇنلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دېيىلگەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئىش ئورنىدىن قالغان ۋە ئىچكى قىسىمدا پېنسىيەگە چىققان دېگەندەك ئەھۋالدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشتىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 1487 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنى تۆۋەنلىتىپ، 1484 يۈەنگە يېتىش چەك قىلىنىدۇ، ئورۇندىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىكى شەخسىيلەر قەرزىدە، قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەر ئايلىق ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى ئۆلچىمى 1484 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر