خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30- ئاۋغۇست خەلق سارىيىدا كوتېدىۋويرې زۇڭتۇڭى ۋاتالا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ ۋاتارانىڭ جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو-كوتېدىۋويرې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپ كوتېدىۋويرې تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، كوتېدىۋويرې تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كوتېدىۋويرېنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا تېخىمۇ قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو-كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالغا ئىتتىرگۈچى»سى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بىخەتەرلىك خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، غەربىي ئافرىقا رايونى ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناش لازىم. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى