باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان G100 سىلىتسىيلىق فوتو ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىدى

2018.08.31 18:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان «G100 سىلىتسىيلىق فوتو قوبۇل قىلىش- تارقىتىش ئۆزىكى» رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلات 100-200Gb/s يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك سىگنال يەتكۈزۈشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇلترا كىچىك تىپلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، تەننەرخى تۆۋەن، ئۇنىۋېرسال بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارنى ھازىرلىغان، ئۇچۇر يوللاش تورى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئوپتىكىلىق يوللاش ئۈسكۈنىلىرىدە كەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ سودىغا ئىشلىتىلىدىغان سىلىتسىيلىق فوتو ئۆزەكنى دۆلەت ئۇچۇر فوتوئېلېكتىر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، گۇاڭشۈن پەن- تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىكەن. 30 كىۋادرات مىللىمېتىرغا يەتمەيدىغان بىر سىلىتسىيلىق ئۆزەكتە ئوپتىكىلىق تارقىتىش، تەڭشەش، قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60قا يېقىن مەنبەلىك ۋە مەنبەسىز ئوپتىك دېتال توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان سودىغا ئىشلىتىلىدىغان سىلىتسىيلىق فوتون توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەكنىڭ بىرى ئىكەن.

  دۆلەت ئۇچۇر فوتوئېلېكتىر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم G100 سىلىتسىيلىق فوتو ئۆزەكنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈپ سودىغا ئىشلىتىلىشى سىلىتسىيلىق فوتو تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى بۆسۈش بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سىلىتسىيلىق فوتو مەھسۇلاتلارنى سودا خاراكتېرلىك لايىھەلەش شەرتى ۋە ئاساسىنى ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئاللىقاچان كەڭ كۆلەملىك سودا خاراكتېرلىك قوللىنىلغان CMOS ھۈنەر سۇپىسى سىلىتسىيلىق فوتو ئۆزەكنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك فوتو ئېلېكتىرون ئۆزەك ياساش ئىقتىدارى ئاجىز، ھۈنەر-سەنئىتى ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر