باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كوئېنلۇننى تەسىرلەندۈرگەن بىر ئېغىز ۋەدە − ئاتا-بالا يېرىم ئەسىر كۈچ ئۇلاپ، قەھرىمانلارنىڭ روھىنى ساقلىدى

2018.08.31 16:24   مەنبە: خەلق تورى

كوئېنلۇننى تەسىرلەندۈرگەن بىر ئېغىز ۋەدە − ئاتا-بالا يېرىم ئەسىر كۈچ ئۇلاپ، قەھرىمانلارنىڭ روھىنى ساقلىدى

  ئەمەر ھېيت ھايات ۋاقتىدا قەبرىستانلىقتا ئوغلى ئەنۋەر ئەمەرگە ئەينى يىللاردىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە (2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم تېغى باغرىدىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە ھەيۋەتلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بار، 225 ھەر مىللەت قەھرىمانلىرى بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتىدۇ. 1970-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر كونا ئەسكەر بۇ يەرگە كېلىپ، سەپداشلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، قەبرە ساقلىغۇچى بولدى، ئۇ كونا ئەسكەر دەل 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى ئەمەر ھېيت. بۇ كونا ئەسكەر داۋاملىق تۈردە، «ئۇلار مېنىڭ سەپداشلىرىم، بىز ھايات-ماماتتا بىللە بولغان قېرىنداشلارمىز، ئەگەر ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە قارايدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇلار يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ»، دېگەن.

  47 يىلدىن بېرى، ئەمەر ھېيت بۇلتۇر 8-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ساقلىدى.

  كۇئىنلۇن باغرىدىكى بىر ئېغىز ۋەدە

  ئەمەر ھېيت ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە سەككىز ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 1960-يىلى 4- ئايدا، تېببىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىغا ئىككى يېرىم يىل بولغان ئەمەر ھېيت قەلەمنى تاشلاپ ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، شەرەپ بىلەن ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان. ئەمەر ھېيتنىڭ ئوغلى ئەنۋەر ئەمەر بۇ ھەقتە ئەسلەپ: شۇ چاغدا دادامنىڭ بىر دوستى دادامغا ھەربىيلىككە قاتناشماڭ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن دوختۇر بولسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى، دېگەن ئىكەن. لېكىن دادام نامرات كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولغانلىقى، نامرات بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇيالىغانلىقىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي بولغان ئىكەن، دېدى.

  1962-يىلىغا كەلگەندە، خوتەندە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ئەمەر ھېيت قىسىمغا ئەگىشىپ قاراقۇرۇم تېغىدىن ئۆتۈپ، قارلىق ئېگىزلىكتە تۇرۇپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا ئەينى يىلى يېڭى ئەسكەرلەر بەنىنىڭ بەنجاڭى ئىسمائىل مەمەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، ئەينى چاغدا قاراقۇرۇم تېغى چېگرا مۇداپىئە ئالدىنقى سېپىدە قارا بوران چىقىپ، قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، جەڭچىلەر بىر-بىرىگە تايىنىپ ئىسسىنىۋاتقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئەمەر ھېيت، ئىسمائىل مەمەت ۋە باشقا بىر نەچچە سەپداشلىرى: ئەگەر ئارىمىزدىن بىرەرسىمىز قۇربان بولساق، ھايات قالغان كىشى قەبرىمىزنى سۈپۈرسۇن، دەپ پۈتۈشكەن. كېيىن بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئىسمائىل مەمەتنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىق ھەققىدكى شۇم خەۋەر يېتىپ كەلگەن. ئەنۋەر ئەمەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىم بۇ ئىشلار تىلغا ئېلىنسا، دادامنىڭ ك‍‍ۆزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى، دېدى. 1968-يىلى 4-ئايدا ئەمەر ھېيت ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان، لېكىن ئۇ پېشقەدەم بەنجاڭ ۋە سەپداشلىرىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ۋەدىسىنى زادىلا ئۇنتۇمىغان. ئۇ دائىم ئوغلىغا قەھرىمانلارنىڭ تەسىرلىك ئىشلىرىنى سۆزلەپ: «بىر قېتىم دۈشمەن بىلەن ئېلىشقاندا، دۈشمەن مېنى بېسىۋالدى، بىر خەنزۇ سەپدىشىم ئېتىلىپ كېلىپ، جان تىكىپ مېنى قۇتۇلدۇردى»، دەيتتى ۋە سەپداشلىرىنى ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇراتتى.

  1970-يىلى قاغىلىقتىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىن باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئەمەر ھېيت ئىككىلەنمەيلا مەكتەپ مۇدىرىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئايالى ۋە ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان ئەنۋەر ئەمەرنى ئېلىپ، قەبرىستانلىقتىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ساقلاشقا باشلىغان. ئەنۋەر ئەمەر بۇ ئىش توغرىسىدا: بەزىلەر دادامنىڭ قارارىنى چۈشىنەلمەيتتى، لېكىن پەقەت داداملا سەپداشلىرىنىڭ ھايات-ماماتتا بىللە بولۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنەتتى، دېدى. ئەنۋەر ئەمەر يەنە : ئەينى يىلى دادام بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان سەپداشلىرىدىن ئالتىسى قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان، شۇڭا دادام بىزگە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ساقلىشىمىز كېرەك دېگەن، دېدى.

  شىنجاڭ قاغىلىقتىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئېگىز خاتىرە مۇنارى بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ يەردە دومىلاتما گۈلدۈرماما قەھرىمانى لو گۇاڭشيې، پارتلىتىش قەھرىمانى ۋاڭ جۇڭديەن، كۈرەش قەھرىمانى ئىسمائىل مەمەت، ئەسكەرلەرنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى جاڭ دەيرۇڭ ۋە كېيىن شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى لىنىيەسىدە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلار بولۇپ، جەمئىي 225 ھەر مىللەت قەھرىمانلىرىنىڭ مەرمەر تاش مەقبەرىسى بۈك-باراقسان ۋە ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان. ئەنۋەر ئەمەر بۇ يەرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ: بۇ يەر ئەسلىي بىر جاڭگال ئىدى، دادام بىزنى باشلاپ كۆچەت تىكىپ، ھازىرقىدەك ھالەتكە ئەكەلگەن، دېدى.

  قاراقۇرۇم باغرىدىكى قاغىلىق ناھىيەسى شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتۇشىدۇ، يىل بويى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغاچقا، خىراجەت يېتىشمەيتتى، شۇڭا ئەينى يىللاردا قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ناھايىتى قاقاس ئىدى، شۇڭا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن سەپداشلىرىنىڭ ياخشى ئارام ئېلىش مۇھىتىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئەمەر ھېيت ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، قەبرىستانلىق مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى. سۇ بولمىسا تۈنىكە تۇڭ ۋە غالتەك بىلەن سۇ توشۇپ، توك يوق بولسا جىن چىراغ يېقىپ، قىش-ياز ئۆتۈپ، بىر تال گىياھ ئۈنمەيدىغان بىپايان چۆل-باياۋاننى بۈگۈنكى كۈندىكى 6000 تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان بوستانلىققا ئايلاندۇردى. ئەنۋەر ئەمەر ئەسلەپ: « ئەينى ۋاقىتتا دادام خەنزۇ سەپداشلىرىم قارىغاي ۋە ئارچىنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلاپ لو گۇاڭشيې، ۋاڭ جۇڭديەن قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى يېنىغا قارىغاي ۋە ئارچا دەرىخى تىككەن، مەمەت تاغاڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ، ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىغا ئىككى تۈپ شاپتۇل كۆچىتى تىككەن، دېدى. ئەنۋەر ئەمەر يەنە: ئىنىم، سىڭلىم ئۈچىمىز قەبرىستانلىقتا چوڭ بولغان. كىچىك ۋاقتىمدا، دادام ھەر كۈنى مېنى ئېلىپ قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىدىكى چاڭ ـ توزاننى تازىلايتتى، ھەر يىلى قانچە سۈپۈرگىسىنىڭ ئەسكىرەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، دېدى. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەر ھېيت قېرىغاندا مىدىرلىيالماس بولۇپ قالسام بۇ ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟ دەپ ئەنسىرىگەن، لېكىن ئەنۋەر ئەمەر دادىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى، شۇڭا ئۇ 2002-يىلى زاۋۇتنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، دادىسىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان.

  ئەنۋەر ئەمەر دادىسىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئەسلەپ: دادام پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن ھەر كۈنى پىيادە نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ قەبرىستانلىققا كېلىپ، قۇم سۈپۈرۈپ، كۆچەت تىكىپ، گۈل تېرىپ، باشقىلارغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى، مەن دادامغا مەن بار، خاتىرجەم بولۇڭ، دېسەم، دادام پەقەت ئاڭلىمايتتى، ھەتتا ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ، سەپداشلىرىنى يوقلىغان ئىدى، دېدى.

  2017-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەمەر ھېيت كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپ، قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ قەبرىستانلىقنى 47 يىل قوغدىغاندىن كېيىن، مانا بۈگۈنكى كۈندە ھەر مىللەت سەپداشلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە بولدى.

  ئەنۋەر ئەمەر يەنە: بەزىلەر دادامدىن پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، دادام دائىم كۈلۈپ قوياتتى، باشتا دادامنىڭ قارارىنى چۈشەنمەيتتىم، كېيىن دادامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم، دېدى.

  بىر يىلى يازدا، بىر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ تۇغقىنى ئون مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، قەبرىستانلىققا كەلدى. تەزىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ دادامغا چوڭقۇر تەزىم قىلىپ، رەھمەت سىزگە، ئاكام دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، سەپداشلارنىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ روھى چوقۇم خۇشال بولىدۇ، دېدى. ئۇ كۈنى دادام ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بۇ ئىسىملارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمنى قايتا-قايتا تاپىلىغان ئىدى، دېدى.

  «شامال چىقىۋاتقان يولدا، قانچىلىغان ھەيۋەتلىك قوشۇن قانچىلىغان قار-يامغۇر، بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، سىز چوقۇم يولدا، چاڭ-توزانلار يەنىلا ئۇچۇۋاتىدۇ، سىز قىز-يىگىتكە بولغان مۇھەببىتىڭىز بىلەن، ھەربىي فورمىلىرىڭىزنى قاتلاۋاتىسىز... سىز شۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ كېتىۋاتىسىز، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزنى بويلاپ، سىزگە يېتىشىۋالاي، مەن يېڭى گۈللەرنىڭ ھەممە يەردە ئېچىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم».

  قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ھەر كۈنى ياڭرايدىغان بۇ ناخشا ئەمەر ھېيت بوۋاينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى، شۇنداقلا ئەنۋەر ئۆمەرنىڭمۇ. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى ئىدى.

  ھازىر ئەنۋەر ئەمەر ھەر كۈنى دادىسىنىڭ ئىزىنى بويلاپ قەبرىستانلىقنى تازىلاپ، قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇۋېتىپ، قەبرە تېشىنى سۈرتۈپ، قەبرە يېنىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، بەزىدە دادىسىغا ئوخشاش ئۆزى يالغۇز ئىسمائىل مەمەت، لو گۇاڭشيې، ۋاڭ جۇڭديەنلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ پاراڭلىشىدۇ ياكى دادىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىدۇ.

  ئەنۋەر ئەمەر ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ: ھەر بىر قەبرە تېشىغا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھېكايە يوشۇرۇنغان، ھەربىر ھېكايىنىڭ ئارقىسىدا بىر ياكى بىر توپ ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانلار بار. بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كۆپ قىسمى قۇربان بولغاندا 20 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرمۇنچىسىنىڭ ئەۋلادلىرى يوق، مەن دادامنىڭ خىزمىتىنى قوبۇل قىلدىم، بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر دادا-تاغىلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزىمەن، ئۇلار مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە ياشايدۇ، دېدى.

  بۇ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزىلا ئەمەس، يەنە دادىسىغا ھەم تاغىلىرىغا ئېيتقان ۋەدىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…