باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كەمپۈت يېيىشمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيانلىق؟

كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆت چوڭ يوشۇرۇن قاتىلى ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدۇ

ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا كۆز كېسەللىكلىرى مۇدىر ۋىراچى شياڭ يى

2018.08.30 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۈچلۈك نۇرلار، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆز تازىلىقى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. لېكىن كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى بىر يوشۇرۇن قاتىللارغا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەندە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  1. تاتلىق يېمەكلىكلەر

  يىراقنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىمۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى. قەنت كۆپ ساندىكى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆز ئالمىسى سىرتقى دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، كۆز ئالمىسى ئاسانلا ئۇزىراپ، يىراقنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا يېمەكلىكنى تەكشى بېرىش، شېكەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشنى چەكلەش كېرەك.

  2. كۆزنى زىيادە ئىشلىتىش

  نۇرغۇن بالىلار ئۇزۇن ۋاقىت خەت مەشىق قىلىپ، رەسىم سىزسا، ياكى پىيانىنونى بالدۇر ئۆگەنسە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان يېتىدۇ. ساز چېلىشنى ئۆگەنگەندە، بالا يەنە نوتا كۆرىدۇ، بارماق قائىدىسى ۋە كۈي-ئاھاڭغا دىققەت قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن نوتا كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن پىيانىنو چالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر سائەتچە ئولتۇرۇپ قالىدۇ، مۇزىكا ئىسپېكتىرىنىڭ خەتلىرى كىچىك، كۆزىگىمۇ يېقىن بولىدۇ، يەنە دائىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ پىيانىنونىڭ بېلىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەت توختىماي ئالمىشىپ تۇرىدۇ، كۆز قىسمىدىكى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، فوكۇس ئارىلىقىنى توغرىلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت خەت مەشىق قىلىش، رەسىم سىزىشمۇ ئوخشاش ئەھۋال. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى كۆزىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارغا يېتەرلىك ئويناش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىش كېرەك.

  3. كۆزنىڭ ھەر خىل زەخمىلىنىشى

  بالىلار تېتىك، ھەرىكەتچان كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، ھەمدە تاشقى جەھەتتىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن، مەسىلەن، پىچاق، قەلەم ئۇچى قاتارلىق ئۆتكۈر نەرسىلەر تۈپەيلىدىن، كۆزنىڭ ھەر خىل زەخمىلىنىشىگە ئاسانلا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى، كۆز ئېقى تېشىلىشى دېگەندەكە مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇزۇلىدۇ، ھەتتا كۆز ئىچىدىكى ياللۇغلىنىشمۇ كېلىپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھەر خىل خىمىيەلىك ماددىلار، مەسىلەن، كىسلاتالىق، ئىشقارلىق ماددىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە، كۆز خىمىيەلىك ھالدا كۆيۈپ كېتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا دائىم بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارغا يارىلىنىشتىن قانداق ساقلىنىشنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

  4. ھەر خىل تۇغما كۆز كېسەللىكلىرى

  كىلىنىكىدا دائىم بەزى تىپىك مىساللار، يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزى تۇغما كۆز كېسەللىكلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل بولغاچقا، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەپسۇسلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىساللار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تۇغما كاتاراكتا، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئېغىر دەرىجىدىكى نۇر سۇندۇرۇش نورمال بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر. ئەگەر ئۇلارنى بالدۇر داۋالىمىسا، بالىلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى يېتىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان كېلىپ چىقىدۇ. ئاتا-ئانىلار قەرەللىك ھالدا بالىلىرىنى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر