باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك

___ ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىلھامى توغرىسىدا

2018.08.30 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى تۈزۈش، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار شىتاتى ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى ئاساسىي نورمىسى ئۆلچىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ ئاساسىي ئەسلىھە سەپلىمە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىي بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ... ھازىر، دۆلىتىمىز يېزىلىرىدىكى بالىلار، بولۇپمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان 16 مىليون 40 مىڭ ئوقۇغۇچى « شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتى»دىن ئىبارەت ياخشى سىياسەتتىن نەپ ئالدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق قىيىنچىلىقى بار جايلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 28-ئاۋغۇست، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقارغان بىر تۈرلۈك زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى 3 تىرىليون 420 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇنىڭ %53ى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىلدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ مائارىپ يۆتكىمە چىقىمى 2016-يىلدىكى 281 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 2018-يىلى 306 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە ئېشىپ، %80ى ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى يېزىلار ۋە نامرات جايلارغا ئىشلىتىلىپ، 4/1 قىسمى مەركەزلىك تۇتاش قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئىشلىتىلدى. يېزىلاردىكى ئادەتتىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپ خىراجىتى چىقىمى بىر قەدەر تېز ئېشىشىنى ساقلاپ، 2017-يىلى 2012-يىلدىكىدىن تەخمىنەن %60 ئاشتى.

  2017-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 140 مىليون ئوقۇغۇچى چوڭ سوۋغاتقا ئېرىشتى: پارچە ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ، دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان 16 مىليون 40 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرمۇش ياردىمىگە ئېرىشىپ، ياردەم بېرىش سوممىسى 17 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ %90ى ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم رايونلىرىغا ئىشلىتىلدى. كىشىنى خۇشاللاندۇردىغىنى «يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى» پۈتۈن مەملىكەتتىكى 29 ئۆلكىنىڭ 1632 ناھىيەسىدىكى 37 مىليوندىن ئارتۇق بالىغا نەپ يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ يۈزلىرىگە قان يۈگۈرۈپ، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى بەش يىل ئىلگىرىدىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.9 سانتىمېتىر ۋە ئىككى سانتىمېتىر ئۆستى.

  ئوقۇشتىن توختاشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، 2017-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %103.5كە يېتىپ، دۇنيادىكى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۇردى. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %93.8كە يېتىپ، 2015-يىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدارى ئۈچ جەھەتتىن مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى.

  شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش قاتارلىق بىر قاتار زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىغان بىر قاتار زور سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سىلجىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  «بازارلارغا توپلىشىۋېلىش»مۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. دوكلاتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017- يىلى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدائوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش نىسبىتى %10.1 تۆۋەنلىدى، ئالاھىدە چوڭ سىنىپ نىسبىتى %2.4گە چۈشتى. ئۇنى 2015- يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە چوڭ سىنىپ سانى %25 ئازايدى، ئالاھىدە چوڭ سىنىپ سانى %50 ئازىيىپ كەتتى.بۇ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ.

  چېن باۋشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 20107- يىلى، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئادەم سانى 14 مىليون 66مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە %80ى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان، يەنە %7.5ى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن كىشىلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي خىراجەت دائىرىسىگە ۋە «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر