باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جىن يۈنكۈن قاتارلىق ئىككى كىشى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

2018.08.30 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى، ئۆلكىلىك قەرز باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن يۈنكۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى، ئۆلكىلىك قەرز باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن يۈنكۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  جىن يۇنكۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  جىن يۇنكۈن، ئەر، مىللىتى چوسون، 1963- يىلى 6- ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشۈن دېگەن يېرىدىن، 1987- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئالىي بوغالتىر.

  داليەن ۋافاڭديەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خوۋ جېنتاۋ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىگە ئاساسلانغاندا: داليەن ۋافاڭديەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خوۋ جېنتاۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  خوۋ جېنتاۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  خوۋ جېنتاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1965- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى دالىيەندىن، 1986- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىر، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر