باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك

2018.08.28 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. مائارىپ خىراجەت چىقىمى ھەققىدە، مەزكۇر «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلگەن: تەرەققىيات باسقۇچىدىن ھالقىغان، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولمايدىغان سىياسەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. يەسلىنىڭ كۆلىمى بويىچە بالا باققۇچى خادىملارنى مۇۋاپىق سەپلەپ، ئىش ئورنىغا ئاساسەن، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتە %4 تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا، ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدا مائارىپ چىقىمىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە، مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بويىچە ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئادەتتىكى جامائەت خامچوتتىكى مائارىپ چىقىمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، مەزكۇر «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر ۋە يېزىدا بىر تۇتاش بولۇش، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى جامائەت خىراجىتى ئاساسىي نورمىسىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلاردىكى 100 كىشىدىن ئاز كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەرگە 100 ئادەم بويىچە جامائەت خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپتىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە خىراجىتى 200 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى قوشۇش ۋە قوشۇمچە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى خىراجىتىنى ئايرىم تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىراجەتنىڭ مەكتەپ (ئوقۇتۇش نۇقتىسى)غا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كاپالىتى جەھەتتە، مەزكۇر «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان غەيرىي ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتقا كىرىشىنى تېزلىتىش، ھەمدە ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىدىكى ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمىنى تەڭ قەدەمدە تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئومۇمەن تەلەپكە يەتمىگەن رايونلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈزەش قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى، مالىيە كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆلكىلەر سۈرئەتنى تېزلىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر