باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.09.03 15:15   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى خەلق سارىيىدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئۆزئارا سەمىمىي ۋە دوستانە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ئىشىنىشىدۇ. بىز زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەمدە مەن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز! بۇ مۇنبەرنىڭ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ۋە جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسىرگە ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، بىز ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئىشىنىشىپ ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىناق ئۆتۈشۈپ ۋە بىر-بىرىمىزگە تايىنىپ كېلىۋاتىمىز. بىز يەنىلا بېكىتىلگەن چوڭ يۆنىلىش ۋە چوڭ نىشاننى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 10 يىللىق ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەلەر ۋە ئادىمىيەت ئالاقىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە زىچ ئالماشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى ياخشى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…