باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جۆرىلىرىنى قارشى ئالدى

2018.09.04 14:19   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جۆرىلىرىنى قارشى ئالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 3- سېنتەبىر خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خانىملىرىنى قارشى ئالدى. ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا چىراقلار چاقناپ، خۇشال كەيپىيات ھەممە ياقنى قاپلىدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سورىدى. 56 نەپەر شوخ ئوماق بالىلار جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ۋە كۆرگەزمە بايرىقىنى تۇتۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك رەھبەرلەر ۋە جۆرىلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، رەھبەرلەر ۋە جۆرىلىرىنى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە بىر- بىرلەپ قول تۇتۇشۇپ يېتەكلىدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خانىملىرى بىلەن بىرلىكتە «سەددىچىن سېپىلى» ناملىق غايەت زور سۇجۇ كەشتىسى تام رەسىمى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن، تام رەسىمى ئېچىلدى، جۇڭگو - چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جۆرىلىرى ئاق مەرمەر پەلەمپەي ئالدىدا توختاپ، «يەسىمەن گۈلى» ناملىق بالىلار خورىدىن ھۇزۇرلاندى. زىياپەت زالىغا بارىدىغان يول بويىدا ئېسىل كىيىنگەن ياش- ئۆسمۈرلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

  زىياپەت زالىدا، پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، زىياپەت سورۇنى ئېسىل مېھمانلار بىلەن تولغان ئىدى. شادىيانە كۈتۈۋېلىش كۈيلىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مىھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى رەھبەرلەرنىڭ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 12 يىل بۇرۇن، جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى بېيجىڭدا جەم بولۇپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇردى. 12 يىلدىن كېيىن، بىز بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم بۇ كاتتا ئىشنى بىرلىكتە قىلىۋاتىمىز، دەسلەپكى نىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچتۇق. 12 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام ۋە تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ روناق تاپتى، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسىنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايدى، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ «ئافرىقا ئامىلى» ۋە ئافرىقىنىڭ «جۇڭگو ئامىلى» نۇرلىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئالاقىسى رەڭدارلاشتى، يارقىن نۇقتىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى