باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچۇر ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى ھەققىدە توختىلىپ، ئېلىمىزدە بەش قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغانلىقىنى، تىرىك چوشقا يۆتكەش قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.09.03 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش قېتىم ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گۇاڭ دېفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە يېڭى يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىنىپ، تىرىك چوشقا يۆتكەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ياخشى ئىشلىنىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 8-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان لياۋنىڭ، خېنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇيدا ئارقا- ئارقىدىن بەش قېتىم ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىشى ئىكەن. نۆۋەتتە، لياۋنىڭ، خېنەن، جياڭسۇ، جېجياڭدىكى تۆت قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۆلتۈرۈش ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، جەمئىي 37 مىڭ 271 تىرىك چوشقا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئالاقىدار مەھسۇلاتلارغىمۇ زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنغان. ئەنخۇي ۋۇخۇدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە 1264 تىرىك چوشقا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  گۇاڭ دېفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى دۇنيا ھايۋانات سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر