باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-سېنتەبىر دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى ئۆستى

بىر باك توشقىچە ماي قاچىلىغاندا 7.5 يۈەن ئاشىدۇ

2018.09.03 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزدە 3-سېنتەبىر سائەت 24تە بۇ يىل ئىچىدىكى 17-قېتىملىق تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش ۋاقىت كۆزنىكىنى كۈتۈۋالىدۇ. كەسىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك باھا تەڭشەش مۇددىتىدە، ھەر توننا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەجىمى تەخمىنەن 190 يۈەن بولۇپ، ئەگەر ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلغا بىر باك توشقىچە ماي قاچىلىغاندا 50 لىتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى بەلكىم 7.5 يۈەن ئارتۇق خەجلىشى مۇمكىن. بۇ ھەم بۇ يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنىڭ 10-قېتىم ئۆستۈرۈلۈشى بولۇپ قالىدۇ.

  ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24تە تەڭشەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى كىچىك كۆلەمدە 50 يۈەن چۈشكەن ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش دەۋرى ئىچىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسى 22 كۈندە ئۇدا بەش كۈن ئۆرلىدى. 29-چېسلا نيۇ يورك يېنىك خام نېفىت زاكاز مال باھاسى ۋە ئەنگلىيە لوندون برېنت خام نېفىت زاكاز مال باھاسىدا 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، نيۇ يورك نېفىت باھاسى كېيىنكى 30 كۈندە بىر مەھەل ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 70 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى خەلقئارا نېفىت باھاسىغا تايىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ تەسىرىدە دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 10- قېتىملىق ئۆسۈشى 3-سېنتەبىر ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى.

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىس: ئىران خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەنلىشى ئامېرىكا مەملىكەتلىك خام نېفىت سودىسى ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشى قاتارلىقلارنىڭ يېقىندا خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە 16 قېتىم باھا تەڭشەلگەن بولۇپ، «توققۇز قېتىم ئۆرلەپ، ئالتە قېتىم چۈشۈپ، بىر قېتىم توختاش» ۋەزىيىتى شەكىللەندى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە ئىران، ۋېنېسۇئېلا، لىۋىيە قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئېنىقسىزلىقىغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل خەلقئارا نېفىت باھاسىدا يەنە ئۆسۈش بوشلۇقى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر