باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى %80 تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھاجەتسىز بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، دېدى

2018.09.03 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن %80 تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، تەستىقلىتىش ھاجەتسىز بولغان. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا يېتەكچى پىكىر تارقىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى − ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  سۈي شۇخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا چېتىلىدىغان بەش تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى ئىچىدە، ئورۇنلار ئالدىن تەكشۈرۈش، سىناق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش تەستىقى، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىجازىتى قاتارلىق ئۈچ تۈر قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئىككى تۈر ساقلاپ قېلىندى. ئۆلكە ھالقىغان، ۋادى ھالقىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى، بىر قىسىم يېڭىدىن سېلىنغان كۆلەملەشكەن نېفىت خىمىيە، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىلىش مىقدارى بىر قەدەر چوڭ تۈرلەرنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەستىقلىغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلاش ھوقۇقى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا چۈشۈرۈپ بېرىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىن 91 مىڭ 686 پارچىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پەقەت 22 پارچىسىنىلا تەستىقلىدى.

  مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، دوكلاتنامە، دوكلات جەدۋىلى ۋە تىزىملاش جەدۋىلىگە ئايرىلدى، ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تىزىملاش جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇش شەكلىدىكى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئەنگە ئېلىنغان تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تىزىملاش 412 مىڭ 864 پارچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئومۇمىي سانىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى، يەنى ھازىر %80 تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلىتىش ھاجەتسىز. تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان 90 مىڭ تۈر ئىچىدە، دوكلاتنامە تۈزۈلگىنى ئاران %8نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر