باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشتى

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بىلەن 51 مىليارد 940 مىليون يۈەنلىك توختاملار ئىمزالاندى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بىلەنمۇ 117 مىليارد 135 مىليون يۈەنلىك توختاملار ئىمزالاندى

2018.09.03 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 1- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،«‹بىر بەلباغ، بىر يول›، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى 66- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالاشقان توختاملىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 384 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە جەمئىي بىر مەيدان ئاساسىي مۇنبەر ۋە تۆت مەيدان پاراللېل مۇنبەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 22 مەيدان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەمدە ئۇلاردىن مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 13 دۆلەتنىڭ 29 كارخانىسى بىلەن 29 تۈرلۈك تاشقى سودا توختاملىرى ۋە كېلىشىملىرى ئىمزالاشتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 488 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولدى؛ تاشقى ئالاقە تۈرىدىن ئىككىسى ئىمزالىنىپ، ئۇنىڭ سوممىسى 2 مىليارد 896 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولدى. ھەمكارلاشقان ساھەلەر تۆمۈر رۇدىسى ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاشقى سودا تۈرلىرى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت تۈرلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدائىچكى-تاشقى ئالاقە ھەمكارلىق توختام تۈرلىرىدىن جەمئىي 162گە ئىمزا قويۇلدى، ئىمزالانغان توختاملارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد 943 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكى كۆرگەزمىدىكىدىن %11.98 ئاشتى، ئىمزالانغان توختام تۈرلىرى ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش يېڭى ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت-ساياھەت، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 11 نۇقتىلىق ساھەگە چېتىلىدۇ. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بىلەن ئىمزالاشقان توختاملارنىڭ سوممىسى 51 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولدى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بىلەن ئىمزالاشقان توختاملارنىڭ سوممىسى 117 مىليارد 135 مىليون يۈەن بولدى.

  6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەسىس قىلىنغان تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونى ۋە 11 كۆرگەزمە تېمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى، كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، سودىگەرلەر مۇنبەر پائالىيەتلىرىگە، ھەمدە سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 704 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر