باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

33 قانۇنسىز كۆچمەن يەمەننىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىدا قازا قىلدى

2018.09.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى تارماق ئاپپاراتى 2-سېنتەبىر، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 33 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ يېقىندا يەمەننىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ ئورگاننىڭ خەۋەر ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى سائاب مۇئەللىمنىڭ 2-سېنتەبىر دېيىشىچە، 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 360 قانۇنسىز كۆچمەن ئىككى كېمىگە ئولتۇرۇپ، يەمەننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شابۋا ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كەلگەن، ئىچىدىكى بىر كېمە دېڭىز قىرغىقىدىن بىر قەدەر يىراق ئورۇنغا كەلگەندە، كېمىدىكى «يىلانبېشى» كىشىلەرنى دېڭىزغا سەكرەشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، 33 ئادەمنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئايال بار ئىكەن.

  مۇئەللىم: «يەمەننىڭ شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ھايات قالغۇچىلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى سۈزدى»، دېدى.

  بۇ يىل 6-ئايدا، كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كەتكەنلىكتىن، ئېفىيوپىيەدىن كەلگەن 46 قانۇنسىز كۆچمەن يەمەننىڭ شەرقى دېڭىز رايونىدا قازا قىلغان ئىدى.

  يەمەن ئافرىقا تۇمشۇقى رايونى بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ رايوندىن كەلگەن نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بارىدىغان كۆۋرۈكلۈك جايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر