باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

تولۇق 1-يىللىق ئاياقلاشقاندا تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ

2018.09.04 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى 3-سېنتەبىر پىكىر ئېلان قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىرىنچى ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشقاندا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شەخسىي ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى تاللىسا بولىدۇ ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ، بىۋاسىتە خىزمەت قىلسىمۇ بولىدۇ.

  پىكىرگە ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلسا بولىدۇ، ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى پىرىنسىپ جەھەتتە 45دىن ئاشمايدۇ، ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەممىسى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تەۋەلىكى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرىدۇ، بىرىنچى ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشقاندا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى كەسپىي مەكتەپكە تارقاقلاشتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

  ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنى تاللىغان ھەمدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئوقۇشنى لاياقەتلىك پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي دەرسلەرنى تاللىغان ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئوقۇشتا لاياقەتلىك بولۇپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشسا بولىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر