باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %44تىن %15كە تۆۋەنلىتىلىدۇ

2018.09.03 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يېپىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنى ئايدا 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىر ئامىل بويىچە ھېسابلىغاندا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ شەھەر-بازاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ھازىرقى %44تىن %15كە تۆۋەنلەيدۇ. 5000 يۈەنلىك ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئاساسىي ئىستېمال چىقىمى، ھەر بىر ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قامدايدىغان ئادىمى، ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئامىللارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلاشقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسال بېكىتىلگەن، ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ئالدىن كۆرەرلىكى ئىپادىلەنگەن.

  چېڭ لىخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن باشقا، يەنە مەخسۇس چىقىرىۋېتىدىغان قوشۇمچە تۈرلەر قوشۇلۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك باج نىسبىتى دەرىجىسى كېڭەيتىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار باجنى كېمەيتىشتىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نەپ ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئەڭ زور نەپكە ئېرىشىدۇ. ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج يۈكى %50تىن ئارتۇق يېنىكلەيدۇ.

  چېڭ لىخۇا يەنە ئالايىتەن مۇنداق دېدى: 5000 يۈەنلىك ئۆلچەم مۇقىم ئەمەس، كېيىن يەنە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئىستېمال چىقىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنىڭ بىر قانچە قېتىم تەڭشىلىشى بۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر