باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە بىرىنچى قېتىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2018.09.03 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان توققۇز ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سەنشى، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندوڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدوڭ، چوڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق توققۇز ئۆلكە (شەھەر)دىكى ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ، مەركەزنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە بىرىنچى قېتىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەركەزنىڭ ھەرقايسى ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (شەھەر)لەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ ھەر قايسى ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا قويغان تەلەپلىرىنى، يەنى پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكىلىك (شەھەرلىك) پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسى»گە ئاساسەن، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىچە: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەسىلە يۆنىلىشىدە ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا، ھەمدە ھادىسىدىن ۋە ماھىيەتتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتلىرىنى چىڭىتىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا يۈرگۈزۈلۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ياماننى يوقاتساڭ تەلتۆكۈس يوقات، دەيدىغان ئىرادە بىلەن، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمگە ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر