باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ «داۋالىنىش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2018.09.03 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ «داۋالىنىش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن داۋالىنىش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. داۋالىنىش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، داۋالاش ئورۇنلىرى ۋە بىمارلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ۋە داۋالاش تەرتىپىنى قوغداپ، داۋالاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مەزكۇر نىزامنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈزۈم قاتلىمىدىن داۋالاش ماجىرالىرىنى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوختۇرلار ۋە بىمارلار ئارىسىدىكى ئىناق مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «نىزام»دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارنى مەركەز قىلىش، غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش، كەسىپ ئەخلاقىغا بوي سۇنۇش كېرەك. داۋالاش سۈپىتى بىخەتەرلىكى ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە ساھەلەردە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىدە دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، داۋالىنىش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىنى مەنبەسىدىن باشلاش لازىم.

  «نىزام»دا، داۋالىنىش ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى، يوللىرى، تەرتىپلىرى ئېنىق بېكىتىلدى، خەلق ئىچىدە مۇرەسسەلىشىش يولىنىڭ داۋالىنىش ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش نۇقتىلىق تەكىتلەندى ھەمدە دەۋادىن ئىلگىرىكى داۋالىنىش زىيىنىنى باھالاش پائالىيىتى يەنە باھالاش ئۆلچىمى، تەرتىپى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىسكىلاتى قاتارلىق تەرەپلەردىن قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  «نىزام»دا داۋالاش سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەلىپىگە ئەمەل قىلماسلىق، ساختا باھالاش يەكۈنى چىقىرىش ۋە جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىش، داۋالىنىش ماجىرالىرى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق بولغان قانۇنىي مەسئۇلىيەت بېكىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر