باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلدى

ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «خاڭجۇ ۋاقتى»غا قەدەم قويدى

2018.09.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆيگىلى 16 كۈن بولغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئوتى پېنگانو تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاستا-ئاستا ئۆچتى، 18-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2-سېنتەبىر كەچ ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا يېپىلدى. 45 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 11 مىڭ 300 تەنھەرىكەتچى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 40 چوڭ تۈر، 465 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى. چاقلىق كانكى تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى گو دەن جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى بايراقدارى بولدى.

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 132 ئالتۇن مېدال، 92 كۈمۈش مېدال، 65 مىس مېدال بولۇپ جەمئىي 289 مېدالغا ئېرىشتى، ئالتۇن مېدال تاختىسى ۋە مېدال تاختىسىنىڭ ئىككىسىدە 1-بولدى. ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 75 ئالتۇن مېدال، 56 كۈمۈش مېدال. 74 مىس مېدال بىلەن 2-ئورۇندا تۇردى. كورېيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 49 ئالتۇن مېدال، 58 كۈمۈش مېدال، 70 مىس مېدال بىلەن 3-ئورۇندا تۇردى.

  19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «تەبرىكلەش» ۋە «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» باش تېما قىلىنغان يېپىلىش مۇراسىمىدا، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى شۈ لىيىنىڭ ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «خاڭجۇ ۋاقتى»غا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىسقا لېكىن قالتىس بىر مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى خاڭجۇدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىيلىك ۋە زامانىۋىلىك مۇجەسسەملەنگەن شەھەرنى ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلار ئالدىدا نامايان قىلدى. «يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېجەشلىك، مەدەنىيەتلىك بولۇش» خاڭجۇنىڭ 2022-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بەرگەن ۋەدىسى. ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جاكارتا بىلەن خوشلاشتى، 2022-يىلى خاڭجۇدا كۆرۈشەيلى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر