سۈرەتتە: دېھقانلار نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى شىجى ناھىيەسى شىڭلۇڭ بازىرىدا كەرەپشە ئورۇماقتا (8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان نىڭشيادا ھەم تاغلار ۋە قۇملۇقلارنىڭ ھەيۋىتى بار، ھەم «چېگرادىكى جياڭنەن»نىڭ مۇلايىملىقى بار بولۇپ، تەبىئىي كائىناتنىڭ گۈزەللىكى قەدىمدىن تارتىپ شېئىرلار ۋە رەسىملەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدا، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلق ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۆزگىچە دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى تىكلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېپيېڭى، گۈزەل قىياپىتىنى پۈتۈپ چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى