باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىماسىنى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىپ،كەسىپلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق ۋە سەھىيە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، تىنچ ۋە خەۋپسىز بولۇشتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2018.09.04 14:06   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، مەدەنىيەتنى تەڭ گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى تەڭ بەرپا قىلىدىغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق-سەھىيە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، تىنچ ۋە خەۋپسىز بولۇشتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق يولغا قويۇشى كېرەك.

  كۈز ئېيىدىكى بېيجىڭدا، تىيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلماقتا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ گېربى بېسىلغان بايراقلار شامالدا لەپىلدەپ تۇرماقتا. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى چېتىگە تىزىلغان بولۇپ، سائەت 16دىن ئاشقاندا، مۇنبەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەتئەل رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ شىمالىي زالدا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى. ئارقىدىن، جۇڭگو-چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  زال ئىچىدە چىراغلار چاقناپ ۋە گۈللەر ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، جۇڭگو ۋە ئافرىقىلىق شېرىكلەر بىر يەرگە جەم بولۇشتى. رەئىس سەھنىسىدە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ گېربى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ بايرىقى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە يېزىلغان «2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى» دېگەن چوڭ پىلاكاتنىڭ كۆك تەگلىكىنىڭ ئالدىغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى. سائەت 16دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي ئوركېستىر داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مارشىنى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ بىلەن چەتئەل رەھبەرلىرى يىغىن مەيدانىغا بىرلىكتە كىرگەندە، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  شى جىنپىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە «بىرلىكتە تەقدىرداش بولۇپ، تەرەققىياتنى بىر نىيەتتە ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرىنى ھەمدە مۇنبەرنىڭ گامبىيە، سان تومى ۋە پىرىنسىپى، بۇركىنافاسودىن ئىبارەت ئۈچ يېڭى ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئوخشاپ كېتىدىغان قىسمەت ۋە ئورتاق بۇرچ ئاساسىدا، ئىلگىرىكى مەزگىللەردە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك بۇ خىل روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە يولدا ماڭدۇق. بۇ يولدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر سەمىمىي تۇغقانلاردەك مۇئامىلىدە بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشى بىلەن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو ھەمكارلىقتا سەمىمىي دوستانە بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا ۋە خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە، ھەمدە ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىشتا ئۇدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو بەشنى قىلماسلىقتا، يەنى، ئافرىقادۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئارىلاشماسلىق، ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭماسلىق، ئافرىقىغا بېرىلگەن ياردەمگە قوشۇمچە ھەرقانداق سىياسىي شەرت قويماسلىق، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىكتە چىڭ تۇردى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئافرىقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ بەشنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مول، جۇڭگو مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، ياخشى قېرىندىشى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ قانداق بولۇشىدا پەقەت جۇڭگو ۋە ئافرىقا خەلقىنىڭلا سۆز قىلىش ھوقۇقى بار، ھەرقانداق كىشىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشىغا، ھەرقانداق كىشىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى توسۇشىغا، ھەرقانداق كىشىنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىشىغا، ھەرقانداق كىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ئىجابىي ھەرىكىتىنى توسۇشى ۋە كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى