باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قول تۇتۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ۋە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

2018.09.07 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 6- سېنتەبىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  سوئال: 2018-يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 2015-يىللىق مۇنبەر جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇنبەر باشلىقلار يىغىنى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتىگە قانداق باھا بېرىسىز؟

  جاۋاب: 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- ئافرىقا ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقىلىشىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، باشلىقلار يىغىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، كەيپىيات ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. باشلىقلار يىغىنىدا بىر قاتار چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ۋە مۇھىم تەسىرگە ئىگە نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، ئافرىقا دۆلەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى پائال قوللىدى ھەمدە بەس-بەستە قاتناشتى، ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇدى؛ ئىككى تەرەپ يەنە بىردەك، كۆپ تەرەپلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپلىك قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللاش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك يىغىلىشى بولۇپ، جۇڭگو- ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تارىخىي ئابىدىسىدۇر.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە:

  ئالدى بىلەن قاتلام يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ ئافرىقىدىكى 54 ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 زۇڭتۇڭ، 10 زۇڭلى، بىر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار بار. بىللە جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا ئەللىرى مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار 249گە يېتىدۇ. باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سانى تارىختىن بۇيانقى جۇڭگو-ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنىڭ رېكورتىنى ياراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ب د ت باش كاتىپى ۋە 26 خەلقئارا ۋە ئافرىقىدىكى رايون تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان جوڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك خادىملار 3200دىن ئېشىپ، ھازىرغىچە دۆلىتىمىز ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۆز مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر